تۈركىيە سۈرىيە چېگراسىغا زەمبىرەكلىك تانكىلارنى يوللىدى

ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ سۈرىيە چېگراسىدىكى قىسىملارنى تولۇقلاش مەقسىتىدە ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

784216
تۈركىيە سۈرىيە چېگراسىغا زەمبىرەكلىك تانكىلارنى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگراسىغا يوللىغان زەمبىرەكلىك تانكىلار يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن كىلىسقا يېتىپ كەلدى.

ھەر قايسى قىسىملاردىن ئەۋەتىلگەن 5 زەمبىرەكلىك تانكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 يۈك ئاپتوموبىلى كىلىس چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈپ، سۈرىيە چېگرا لېنىيەسىدىكى ئىسلاھىيەگە قاراپ يولغا چىقتى.

ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ سۈرىيە چېگراسىدىكى قىسىملارنى تولۇقلاش مەقسىتىدە ئەۋەتىلگەنلىكى ۋە چېگراغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر