تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زاپ ۋە مەتىنا رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

782282
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زاپ ۋە مەتىنا رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان ئۈچ ئەزاسىنى ئۇجۇقتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زاپ ۋە مەتىنا رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

چارلاش – كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ۋەقە سادىر قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئىسپاتلانغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 3 ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىنغان ھاۋا ھەرىكىتىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىككى قورال ئىستىھكامى، بىر ئۆڭكۈر ۋە ئىككى پاناھلىق ئورنى بىتچىت قىلىپ تاشلاندى.

شىرناقنىڭ سىلوپى ناھىيەسىدىمۇ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن قاچقان 6 تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر