تۈركىيە شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا «شىمالىي كورېيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىنى ئۇچۇق – ئاشكارا ئاياق ئاستى قىلىشنى ۋە خەلقئارالىق مەسئۇلىيەتلىرىگە پىسەنت قىلماسلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېيىلدى.

779918
تۈركىيە شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە شىمالىي كورېيەنىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئېيىبلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، 2017 – يىلى 28 - ئىيۇلدا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «شىمالىي كورېيە خەلق جۇمھۇرىيىتى بىر ئاي ئىچىدە 2 قېتىم بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى. شىمالىي كورېيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىنى ئۇچۇق – ئاشكارا ئاياق ئاستى قىلىشنى ۋە خەلقئارالىق مەسئۇلىيەتلىرىگە پىسەنت قىلماسلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېيىلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا يەنە، شىمالىي كورېيەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا رىئايە قىلىشقا ۋە رايوندىكى جىددىيچىلىكلەرنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغان ھەر تۈرلۈك پوزىتسىيەلەردىن ئۇزاق تۇرۇشقا چاقىرىق قىلغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر