مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە بارىدۇ

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇم تەرەپنىڭ قىبرىس مەسىلىسدىكى سەمىمىيەتسىزلىكىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

772581
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە بارىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازا باياناتتا: «ھۆرمەتلىك مىنىستىرىمىز ئالدىنقى ھەپتە شىۋېيىتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن قىبرىس مۇزاكىلىرى نەتىجىسىز قالغاندىن كېيىن، قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشغا ئالاقىدار ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ۋە خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن 2017 – يىلى  18 – ئىيۇل كۈنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە بارىدۇ» دېيىلدى. 

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قىبرىس رۇم تەرەپ ھاكمىيىتىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئاق دېڭىزدا نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈشنى باشىلىغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، «بىز قىبرىس مەسىلىسىنى ھەق قىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتساق، رۇم تەرەپنىڭ نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن رايونغا پاراخوت ئەۋەتكەنلىكىنى كۆردۈق. بۇ رۇم تەرەپنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قارىتا نە قەدەر سەمىمىيەتسىز ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر. بۇنداق بىر تەرەپلىك (باشبالتاق) تاشلانغان قەدەملەرگە قارشى بىزنىڭمۇ تاشلايدىغان قەدەملىرىمىز بولىدۇ» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر