تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا ھاۋادىن زەربە بەردى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىغا قارىتىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

771774
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا ھاۋادىن زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى ئاممىنى ۋاقىپلاندۇرۇش ئۇچۇرى تارقىتىپ، زاپ رايونى چېگرا لىنىيەسىدىكى ساقچى پونكىتى ۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ھاۋا ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن توپقا تۇتۇلغانلىقى، ھۇجۇمدا 3 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، بىر ئۆڭكۈر بىلەن ئىككى پىلىموت ئىستىھكامىنىڭ بىتچىت قىلىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر