قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان بىن جاسىم ئەلسانى بۈگۈن (14-ئىيۇل) رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ.

770442
قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ زىيارىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتقا ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان بىن جاسىم ئەلسانى بىلەن كۆرۈشۈپ، قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن.

ئەلسانى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەنمۇ كۆرۈشىدىكەن. كۆرۈشۈشلەردە، قاتار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىن باشقا، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر