ئەردوغان پۇتىن بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى

تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رايوندا پەيدا قىلغان ئىجابىي مۇھىتىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت خەلقىگە شۇنداقلا دۇنياغا پايدىلىق ئۈلگە بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

766977
ئەردوغان پۇتىن بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى جەريانىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىش تەخمىنەن بىر سائەت داۋاملاشتى. تۈركىيە ھەيئىتىدە مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى مەسلىھەتچىسى ھاقان فىدان، جۇمھۇر رەئىسلىك باش كاتىپ مۇئاۋىنى ۋە باياناتچىسى ئىبراھىم كالىنمۇ ئورۇن ئالدى. 

ئەردوغان ئۇچرىشىشنىڭ ئاخباراتچىلارغا ئوچۇق قىسمىدىكى سۆزىدە، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رايوندا پەيدا قىلغان ئىجابىي مۇھىتى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت خەلقىگە شۇنداقلا دۇنياغا پايدىلىق ئۈلگە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، ساياھەت ۋە مۇداپىئە سانائىتى جەھەتتىكى بۇ ئىلگىرىلەشلەرنىڭ تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھالغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىانلىقىنى تەكىتلەپ: «ھەممىدىن مۇھىمى، تەبىئىي ھالدا سۈرىيە، ئىراق مەسىلىسى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار رايوندىكىلەرنىڭ ئۇچرىشىشىمىزدىن كۈتۈۋاتقان ئارزۇلىرىنىڭ ئىنتايىن يۈكسەك بولغانلىقىدۇر. مەن ئۇچرىشىشمىزغا بۇ نۇقتىدىنمۇ ئەھمىيەت بېرىمەن. ھازىرغا قەدەر پۇتىن بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان ئىرادىمىزغا نىسبەتەن ئۆزەم ۋە مىللىتىم نامىدىن رەخمەت ئېيتىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر