تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى

ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى جېيمېس جېفرىي تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

760406
تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى جېيمېس جېفرىي تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا، دىققەت قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

جېيمېس جېفرىي سۈرىيەنىڭ راققە شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر مۇنازىرە قوزغىغان ئىستراتېگىيە بىلەن داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، مۇھىم ئاگاھلاندۇرۇشلارنى قىلدى. ئۇ ت ر ت (تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى) مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ نىڭ كېلەچەكتىكى خەتەرلەرنى ئۆز قوينىدا ساقلاۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر