ئەردوغان قاتار مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشماقتا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتار مەسلىسى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

747240
ئەردوغان قاتار مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرەب يېرىم ئارىلىدا قاتار مەسىلىسىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش مەقسىتىدە باشلىغان تېلېفون دېپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلاردا، ئەردوغاننىڭ بۇ مەسىلە ئۈچۈن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇل ماكرون، ھىندونېزىيە دۆلەت رەئىسى جوكو ۋىدودو، بەھرەين پادىشاھى ھاماد بىن ئىسا ئەل خەلىفە، ئىيوردانىيە پادىشاھى 2 – ئابدۇللاھ، لىۋان باش مىنىستىرى سائاد ھارىرى ۋە مالايشىيە باش مىنىستىرى نەجىپ تۇن ئابدۇررەززاق بىلەن تېلېفوندا ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەردوغان ئۇچرىشىشتا رايوندىكى مەسىلىلەرنىڭ دىيالوگ ۋە دېپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، يېرىكچىلىكلەرنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى ئۈچۈن تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر تۈرلۈك ھەسسەلەرنى قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالدىنقى كۈنىمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئەل سانى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، كۈۋەيت ئەمىرى شەيخ ساباھ ئەل ئەھمەد ئەلساباھ ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەسسۇئۇد بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر