ئەردوغان ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى سىياسىي كىرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشكە باشلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەرەب يېرىم ئارىلىدا يۈز بەرگەن قاتارغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قاتار ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

746373
ئەردوغان ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى سىياسىي كىرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، قاتارغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا قاتار ئەمرى شەيخ ئەسسانى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، كۇۋەيت ئەمرى شەيخ ئەسساباھ ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئالسۇئۇد بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

رايوننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىنغان تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، نۆۋەتتىكى سوغۇقچىلىقنى پەسكويغا چۈشۈرۈشتە دىپلوماتىيە ۋە دىيالوگ يولىنى تاللاشنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەپ ئۆتۈلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ جەرياندا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشتى؛ كىرېمىلنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ، «رەھبەرلەر، بەسرە قولتۇقى رايونىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن، ئالاقىدار بارلىق تەرەپلەرنى دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، ئىككى رەھبەرنىڭ سۈرىيەدە سۈركىلىشنى پەسكويغا چۈشۈرۈش رايونلىرىنى تەسىس قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇش بويىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر