تۈركىيە سومالىغا ياردەم پاراخوتىنى يوللاش ئالدىدا تۇرىدۇ

ياردەم بويۇملىرىنى ئېلىپ سومالىغا ماڭماقچى بولغان  «سەبات» ناملىق پاراخوت، 2 – ئىيۇندا يولغا چىقىدۇ.

743030
تۈركىيە سومالىغا ياردەم پاراخوتىنى يوللاش ئالدىدا تۇرىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئالاھىدە يوليۇرۇقىغا بىنائەن تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى باشلىغان «ئۈمىد بول!» سەپەرۋەرلىكى دائىرىسىدە توپلانغان ياردەملەر 2 – ئىيۇن كۈنى پاراخوت بىلەن سومالىغا يوللاپ بېرىلىدۇ.

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى ئىنسانىيەتكە زىت كىرىزىسلەرگە قاراپ تۇرالمىغان قىزىلئاي جەمئىيىتى سومالى، يەمەن ۋە سۇدانغا ئەۋەتمەكچى بولغان 3 ياردەم پاراخوتىدىن بىرسىنىڭ تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈپ بولغان.

مەرسىننىڭ سىلىفكە ناھىيەسىدە لەڭگەر تاشلىغان ۋە ياردەم بويۇملىرىنى ئېلىپ سومالىغا ماڭماقچى بولغان  «سەبات» ناملىق پاراخوت 2 – ئىيۇندا يولغا چىقىدۇ.

«ئۈمىد بول!» سەپەرۋەرلىكى دائىرىسىدە سومالىغا يەتكۈزۈلمەچى بولغان  ياردەم بۇيۇملىرى، 15 توننا ئۇن، شىكەر ۋە باشقا يېمەك بويۇملىرى ھەمدە دورا ۋە سەھىيە ئەسلىھەلىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ.

سىلىفكە ناشۇجۇ پورتىدا 2 – ئىيۇندا ئۇزۇتۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مۇراسىمغا مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋەيسى قايناق، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى باشلىقى كەرەم كىنىك ھەمدە ئاپەف ۋە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش باشقارمىسى باشلىقى مەھمەت خالىس بىلدەن قاتارلىق رەھبەرلەر قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر