تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا دەل ۋاقتىدا زەربە بەردى
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن – باسيان رايونى ۋە تۈركىيە ۋان ۋىلايىتىگە قاراشلىق چاتاك ناھىيەسىدە تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن – باسيان رايونىدا ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، قوراللىق ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان 13 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 7 نىشانىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ۋاننىڭ چاتاك ناھىيەسىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدىمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى؛ ۋان ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، ناھىيەنىڭ كۆرۈكلۈ ۋادىسىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق 10 كىشىلىك تېررورچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، رايوننىڭ ف – 16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن ئوققا تۇتۇلۇپ، تېررورچىلارنىڭ پۈتۈنلەي بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.