ئەردوغان: ياۋروپا ئىتتىپاقى مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىشلىرىمىز ئىجابىي ئۆتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مەملىكەتكە قايتىش جەريانىدا ئايروپىلاندا بىريۇسسېل زىيارىتى ئۈستىدە توختالدى.

740460
ئەردوغان: ياۋروپا ئىتتىپاقى مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىشلىرىمىز ئىجابىي ئۆتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىريۇسسېلدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى جەريانىدا ياۋروپا ئىتىتىپاقى مەسئۇللىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئىجابىي بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان مەملىكەتكە قايتىش جەريانىدا ئايروپىلاندا بىريۇسسېل زىيارىتى ئۈستىدە توختالدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى مەسئۇللىرىنىڭ تۈركىيەگە قارىتا بەزى خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىنى ۋە ئۆزىگە 12 ئايلىق بىر ۋاقىت جەدۋىلى سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئەردوغان ياۋروپا مەسئۇللىرى بىلەن  ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل  بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، فەتھۇلاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ گېرمانىيەدىن پاناھلىق تېلەش ئىلتىماسلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا قارىتا تۈركىيەنىڭ بىئاراملىقىنى ئانگېلا مېركېلگە يەتكۈزگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر