ئەردوغان ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن «بولمىسا بولمايدىغان» ئىش ئەمەسلىكىنىڭ بىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

739131
ئەردوغان ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (24-ماي) ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېلگىيەگە قاراپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئادا تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «بىزنىڭ ئۇلارغا چەشەندۈرمەكچى بولغىنىمىز بۇ، 54 يىل بولدى، ھازىرغىچە نېمىنى ساقلاۋاتىسىلەر. ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنى ئۆزلىكىدىن چېكىنسۇن دەپ ئويلايدۇ، بىزمۇ سىلەر قارار قىلىڭلار دەيمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى كلاۋۇد جۇڭكېر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى دونالد تۇسك بىلەن بۇ مەسىلىلەرنى سۆزلىشىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا بولمىسا بولمايدىغان تەشكىلات ئەمەس، بۇنى بىلىشى كېرەك» دېگەن.

ئۇ تېررورىزم توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، تېررورلۇقنىڭ بىر دۆلەتنىڭلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقىنى، شۇڭا دۇنياۋى مەسىلىلەرنىڭ دۇنياۋى سەۋىيەدە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ھازىرغىچە، <مېنىڭ تېررورىستىم، سېنىڭ تېررورىستىڭ> دەپ ئايرىشنىڭ بەزى جايلاردا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، بۇنى تۈگىتىشىمىز ئالدىنقى شەرت ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«بۇ خىل تەھدىتلەر دۆلىتىمىز نۇقتىسىدىن ھەم خەلقئارالىق نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىزنىڭمۇ بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت سالىدۇ. تەھدىتلەر ئارىسىدا تېررورلۇق تەھدىتلىرى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بارلىق بۇ مەسىلىلەرنى يىڭىش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە، پىرىنسىپچان ۋە ئىزچىللىققا ئىگە پوزىتسىيە نامايان قىلىنىشى ئالدىنقى شەرت ھېسابلىنىدۇ.»

ئۇ ناتودىكى ئىتتىپاقداشلارنىڭ تولۇق ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى ۋە: «يېقىنقى ئايلاردا سائىنت.پېتېرسبۇرگ، ستوكھولم، پارىژ ۋە مانچىستېردا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى، بىزگە تېررورلۇقنىڭ رايونلۇق مەسىلە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېدى.

ئۇ گېرمانىيەنىڭ ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىدىن چىقىپ كېتىش تەلىپى توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىزگە كەلگەن بىر نەرسە يوق. ئىيوردانىيەگە كېتىمىز ياكى بارمايمىز دەپ بىر نەرسە كەلمىدى. گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەنكى كۈنلەردە بۇنداق ئىشنىڭ يوقلۇقى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتلىرى بار. ئەگەر شۇنداق قىلماقچى بولسا، ئۇ بىز ئۈچۈن ئانچە مۇھىم ئىش ئەمەس. ئەگەر ھەربىي بازىدىن چىقىپ كەتسە <خوش ئەمىسە> دەيمىز، باشقا ئىش بولمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر