تۈركىيە ئامېرىكا ئەلچىسىگە نوتا تاپشۇردى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىگە نوتا تاپشۇردى.
![تۈركىيە ئامېرىكا ئەلچىسىگە نوتا تاپشۇردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/2c3e/1204/8c48/5922e76904e96.jpg?time=1718829983)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 16-مايدىكى ئامېرىكا زىيارىتى ئەسناسىدا ئامېرىكىلىق ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرىنىڭ تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىتىلغان ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىگە ئاغزاكى ۋە يازما نوتا تاپشۇرۇلدى.
ئەردوغانغا ئامېرىكا زىيارىتىدە ھەمراھ بولغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ مۇھاپىزەتچى ئەترىتىنىڭ «دىپلوماتىك قائىدە-پىرىنسىپلارغا ۋە كەسپىيلىككە زىت بولغان قىلمىشلارغا دۇچار بولۇشىغا قارىتا تاپشۇرۇلغان ئاغزاكى ۋە يازما ھالەتتىكى نوتا»دا «ئامېرىكا دائىرىلىرىدىن بۇ ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە تېگىشلىك باياناتنى بېرىش رەسمىي تەلەپ قىلىندى.»
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ۋەقە توغرۇلۇق بەرگەن باياناتىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا ئەلچىسى بىلەن بۇ ۋەقە ئۈستىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ ۋاشىنگىتون زىيارىتى ئەسناسىدا ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىشتا كۆرۈلگەن سەۋەنلىكلىرى ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ زىيارىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718829984)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718829984)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.