ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ چوڭ قۇرۇلتىيىدا مۇھىم سۆز قىلدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ، پارتىيەنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

736252
ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ چوڭ قۇرۇلتىيىدا مۇھىم سۆز قىلدى
Erdogan AKP
başbakan kongre.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تارىخىي كۈنلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۈچىنچى نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇلتاي ئارقىلىق جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئارىدىن 998 كۈن ئۆتكەندىن قايتىدىن ئۆزى قۇرغان پارتىيەنىڭ باشلىقى بولىدۇ.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم پارتىيەنىڭ باشلىقى سۈپىتىدە قىلغان ئاخىرقى قېتىملىق سۆزىدە، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدە ئەردوغانسىز ئۆتكەن 998 كۈننىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭ مەنىۋى مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئىزچىل ھېس قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەنىڭ ناھايىتى ئېغىر زورلۇقلارنى ئارقىدا قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن يىلدىرىم، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلاردىن كۈچەيگەن ھالدا چىققانلىقىنى قەيت قىلدى.

تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئاداققىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان باش مىنىستىر يىلدىرىم، تېررورنىڭ دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. تېررورلۇقنى تېررورچى ئارقىلىق يوقىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم، «ھەممە شۇنى بىلىپ قالسۇنكى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، بۆلگۈنچى پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتى، دائېش ۋە پۈتۈن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش بىزنىڭ مۇستەقىللىق ۋە كېلەچەك مەسىلىمىزدۇر. بۇ كۈرىشىمىز ئوخشاش قەتئىيلىك بىلەن داۋام قىلىدۇ. بىراق، كۈرەش قىلغاندا، مەرھەمەت بىلەن ئەمەس، ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

1370 ۋەكىلنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باشلىقلىقىغا يالغۇز نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ قۇرۇلتايدا سۆز قىلدى. ئۇ، بۇنىڭدىن 3 يىلچە ئىلگىرى يەنە مۇشۇ زالدا «بىر ئاخىرلىشىش يېڭى بىر باشلانغۇچتۇر» دېگەن ھالدا پارتىيە باشلىقلىقىدىن ئايرىلغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «ئۇ پەقەت قانۇنىي جەھەتتىن ئايرىلىش ئىدى. قەلبىمىز قەتئىي ئايرىلمىدى» دېدى.

ئارىدىن 998 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن زالدا «قەيەردە توختىغانىدۇق» دېگەن ھالدا قايتىدىن بىر يەرگە جەم بولغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، بۈگۈن تېخىمۇ كاتتا نىشانلارغا يېتىش ئۈچۈن يېڭى بىر باشلانغۇچقا قەدەم قويغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

تېررورىزمغا قارشى كۈرەش توغرىسىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى قوزغىغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يەنە بىر خىيانەتنى سادىر قىلىشقا ئۇرۇنۇشىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن پ ك ك  غىچە، دائېشقىچە بولغان ھېچبىرى بىلەن بولغان مەسىلىسىنىڭ خۇسۇسىي ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «مەسىلە دۆلىتىمىزنىڭ ئىستىقبالى، مەۋجۇتلۇقى مەسىلىسىدۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جىددىي ھالەتنىڭ قاچان بىكار قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، «فىرانسىيە 1 ، 1 يېرىم يىل جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى. مېنىڭ مەملىكىتىمدە دۆلەتنى يىقىشقا ئۇرۇنۇلدى. سىلەر بىزگە قايسى يۈز بىلەن جىددىي ھالەتنىڭ بىكار قىلىنىشى سورالايسىلەر؟ خاتىرجەملىك ھۆكۈمران بولغۇچە جىددىي ھالەت بىكار قىلىنمايدۇ. جىددىي ھالەتنى دۆلىتىمىزنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن ئۇزارتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە پارتىيە تەشكىلاتىدا كۈچلۈك يېڭىلىنىش بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر