ئەردوغان ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە گۇماشتىسى ي پ گ / پ ي د تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ھېچكىمدىن سوراپ ئولتۇرماستىن زەربە بېرىمىز» دېدى.

734669
ئەردوغان ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 16 – مايدا ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىدا مۇخبىرلار بىلەن ئۇچراشتى؛ مۇخبىرلارغا تارىخىي ئۇچرىشىشنىڭ پەردە ئارقىسى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ئەردوغان، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ بولۇپمۇ ي پ گ / پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىنى دىيالوگ شېرىكى، سۈپىتىدە كۆرۈشىنى قوبۇل قىلىشىنىڭ خەلقئارا دەرىجىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە قەتئىي مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

دونالد ترامپقا، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ ۋە پ ي د تۈركىيەگە ھەر قانداق شەكىلدە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ھېچكىمدىن سوراپ ئولتۇرماستىن ئۇرۇش مەزگىلى بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقلىرىنى ناھايىتى ئېنىق ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «دەرۋەقە بىز رائىدا، جەرابلۇستا، ئەلبابتا مۇشۇنداق قىلدۇق. تۈركىيە نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. <تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى تاشلاڭلار، كېلىڭلار، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى بىرلىكتە قىلايلى> دېدۇق. ئەپسۇسكى، ئۇلار بۇنىڭغا يېقىنلاشمىدى. <مۇنبىچنى بوشاتتۇق> دېيىشتى، ئەمما ئۇنداق ئىش كۆرۈلمىدى. ئۇلار ھازىرمۇ ئۇ يەردە. مۇنبىچتە، راققەدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى يوقاتقىنىڭلاردا ئۇ يەرگە كىملەر ئورۇنلىشىدۇ؟ ئۇلارنىڭ يەرلىك خەلقى كىم؟ ئەرەبلەر. ئۇنداقتا ئۇ يەرلەرنى سىلەر كوردلار بىلەن تولدۇرامسىلەر؟ ئۇنداق قىلىش، كوردلار بىلەن ئەرەبلەرنى ئۇرۇشقا سېلىشىڭلار دېگەنلىك بولىدۇ.» دەپ كۆرسەتتى.

مەيلى مۇنبىچ، مەيلى راققەدە بولسۇن، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ توغرا قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى بىلەن تاماملىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىمىزدە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىمىز. دۆلەت ئىچى – سىرتىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئارامچىلىق بەرمەيمىز، بىر بەلباغ شەكىللەندۈرۈشىگە يول قويمايمىز، بوشاشمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سۈرىيە مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ قوڭغۇرىقىنى چالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «نۆۋەتتە ئۇلار راققەنى مۇھاسىرە ئاستىغا ئالدى. نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەمما تۈركىيە رايوندىكى ئەمەلىي مەيداندا چوقۇم مەۋجۇت بولىدۇ؛ سۈرىيەدىمۇ ئىراقتىمۇ بولىدۇ. قارار مەنبەسى بولۇش جەھەتتىمۇ تۈركىيەنى ئىشنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇشقا بولمايدۇ. ئالدىمىزدا ناتو باشلىقلار يىغىنى بار. تېررورلۇق مەسىلىسى ئۇ يەردىمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ» دېدى.

دونالد ترامپ بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرىسىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇساپىدە مەيلى دوستلىرىمىز ئارقىلىق، مەيلى بىخەتەر تېلېفون لىنىيەسى ئارقىلىق بولسۇن، بىۋاسىتە ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قورال بەرمىگەنلىكىگە دائىر باياناتى توغرىسىدا بولسا، «مەسىلە كوردلار بىلەن ھەمكارلىشىش – ھەمكارلاشماسلىق مەسىلىسى ئەمەس. مۇھىمى، تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئالاقە ئورناتماسلىقتۇر. دىيالوگ شېرىكلىرىمىزگە <بۇلارغا قورال بېرىۋاتىسىلەر، قولىمىزدا پاكىت بار. راكېتامىيوتلارنىڭ فوتو – سۈرەتلىرى بار> دەۋاتىمىز، قوبۇل قىلىشمايدۇ. بىزمۇ بۇلارنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر