ئەردوغان: رايونىمىزنىڭ كېلەچىكىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئورۇن يوق

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئامېرىكىدا پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشتى.

733855
ئەردوغان: رايونىمىزنىڭ كېلەچىكىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئورۇن يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دائېش قاتارلىق بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۆرسىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ: «رايونىمىزنىڭ كېلەچىكىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئورۇن يوق. بولۇپمۇ پ ي د، ي پ گ نى قايسى دۆلەت بولسا بولسۇن ئېتىبارغا ئېلىشى خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە ئۇيغۇن ئەمەس» دېدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «دىيالوگ ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ زىيارىتىمىز تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. يىلتىزى چوڭقۇر ئۆتمۈشمىزگە تايانغان تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدۇق، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەتلەر ئورتاق باغلىنىشلار ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان، ئوتتۇرىمىزدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچلۈك ھالدا تۇتۇشىمىز دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن مۇھىم. ئاساسەن ئېيتقاندا، ئامېرىكا بىلەن ب د ت ۋە ناتو قاتارلىق مۇھىم تەشكىلاتلار بىلەن يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئىچىدە تۇرۇۋاتىمىز. ئالدىمىزدىكى مۇساپىلەردە دىيالوگ ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش قەتئىي ئىرادىسىگە ئىگىمىز» دېدى.

ئۇ كۆرۈشۈشتە سۈرىيە بىلەن ئىراقتا بېسىلىدىغان قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«رايون خاراكتېرلىك مۇقىملىقتا تۈركىيە-ئامېرىكا ھەمكارلىقى ئىنتايىن مۇھىم. ترامپ بىلەن ئۆزئارا مەسلىھەت قىلىشنى تېخىمۇ كۆپەيتىشنى قارار قىلىۋاتىمىز. ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت ترامپقا 15-ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ باش جىنايەتچىسى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرىسىدىكى ئۈمىدىمىزنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىمەن» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مۇنداق دېدى:

«ئەردوغاننى كۈتۈۋالغانلىقىمىزدىن خۇشاللىق ھېس قىلىمىز، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش يولىدا يېڭى دۈشمىنىمىزگە قارشى تۇرىمىز، تۈركىيەنى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە قوللايمىز، سۈرىيەدىكى زوراۋانلىقلارنىڭ ئازىيىشى ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى تەقدىرلەيمىز ۋە تۈركىيەنىڭ قورال زاكاس قىلىش تەلىپىنى قاندۇرۇشقا تەييارمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر