تۈركىيە شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىمۇ شىمالىي كورېيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

732955
تۈركىيە شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە شىمالىي كورېيەنىڭ 14 – مايدا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئەيىبلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «شىمالىي كورېيەنىڭ 2017 – يىلى 14 – مايدا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئەيىبلەيمىز. بۇ سىناق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىغا ئۇچۇق ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«شىمالىي كورېيەنىڭ مەۋجۇت دىيالوگ پۇرسەتلىرىنى كۆرمەسكە سالماسلىقى، رايوندىكى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك مۇھىتىغا زىيان سېلىشتىن باشقا نەتىجىسى بولمايدىغان پوزىتسىيەلەرگە خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن چاقىرىقتا بولىمىز»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىمۇ شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ قېتىمقى بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئەزالارنىڭ بىردەك ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە قوبۇل قىلىنغان باياناناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ كۈشكۈرتۈش ۋە مۇقىمسىزلىق يارىتىش تۈسىدىكى پوزىتىسيەلىرىنىڭ شۇنداقلا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش خاراكتېرلىك بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ تولىمۇ ئەندىشىلىك قىلمىش بولغانلىقى تەكىتلەندى. 

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەتنىڭ شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى تولۇق ئىجرا قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا يەنە، باشقا بارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ تىز سۈرئەت بىلەن جىددىي بىر شەكىلدە شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئىمبارگولارنى ئىجرا قىلىشى چاقىرىق قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر