تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى، تۈرك ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ئىراقتا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

731771
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زاپ، سىنات – ھافتانىن رايونلىرىدىكى ئۇۋىلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 10 تېرروچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ بىلەن سىنات – ھافتانىن رايونلىرىدا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان تېررورچىلارنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، زاپ رايونىدا 2، سىنات – ھافتانىن تاغلىق رايونىدا 8 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھەرىكەت جەريانىدا، 3 قورال ئىستىھكامى بىلەن 4 پاناھلىنىش ئورنى يوقىتىپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر