بانا تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن ئەردوغانغا رەخمەت ئېيتتى

سۈرىيەدىكى زۇلۇم ۋە قەتلىئاملارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلىتىپ، ھەممىگە تونۇلغان 8 ياشلىق بانا ئەل ئەبەد ۋە پۈتۈن ئائىلىسى، ئەردوغاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىندى.

731524
بانا تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن ئەردوغانغا رەخمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە ياشايدىغان ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابى ئارقىلىق يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشقان 8 ياشلىق بانا ئەل ئەبەد تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى.

بانا ئەل ئەبەد: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بىزگە تۈركىيە پۇقرالىقى بەرگەنلىكى بىزنى ئىنتايىن سۆيۈندۈردى. ئۇنىڭغا چوڭقۇر رەخمەت ئېيتىمىز» دېدى.

بانا ئۆزىنىڭ ئىنتايىن تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «تىل مەكتىپىدە ئوقۇۋاتىمەن، تۈركچە ئۆگىنىۋاتىمەن. بۇ يەردە بىر تۈرك دوستۇممۇ بار. ئىسمى مىرا، ئۇنىڭ بىلەن ئىنتايىن خوشال، بىرلىكتە ئوينايمىز. تۈركىيەدە تولىمۇ گۈزەل جايلارغا باردىم. غازىئانتەپكە ۋە ھاتايغا باردىم. ئۇ يەردە دېڭىزنى ۋە كىشىلەرنىڭ قانداق كۆڭۈل ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. سۈرىيەلىك بالىلارنىڭمۇ خاتىرجەملىك ئىچىدە ئوينىشىنى ئارزۇ قىلدىم» دېدى. 

بانا ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «سۈرىيەلىك ئۆسمۈرلەر سۈرىيەدىكى لاگېرلاردا تۇرىدىغان بولغاچقا مەكتەپلەرگە بارالمايدۇ. ئۇلارمۇ چوڭ بولۇپ ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. سۈرىيەدە كىچىك بالىلار ھازىرمۇ ئاچارچىلىقتىن  ئۆلمەكتە. بومباردىماندا ئۆلۈپ كېتىۋاتقان كىچىك بالىلارمۇ بار. سۈرىيەدىكى لاگېرلاردا ئۆسمۈرلەر ھازىرمۇ مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىدىن مەھرۇم ھالدا ياشىماقتا» دېدى.

تۈركىيەدە گەرچە ئىنتايىن خوشال بولسىمۇ، بىراق ھەلەبنى قاتتىق سىغىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن بانا، «ئۆيۈمنى، ئويۇنچۇقلىرىمنى، ئۆيۈمنىڭ باغچىسىنى ۋە مەكتىپىمنى سىغىندىم. ھەلەبكە بىر كۈنى چوقۇم قايتىپ بېرىشنى خالايمەن. ئۇ يەر مېنىڭ يۈرتۇم مېنىڭ شەھىرىم. مەن ھەلەبنى بەك ياخشى كۆرىمەن» دېدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر