ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە دوكلاتىدىكى سەپسەتە ۋە رېئاللىقلار

سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە دوكلاتىدىكى سەپسەتە ۋە رېئاللىقلار» ناملىق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز.

730414
ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە دوكلاتىدىكى سەپسەتە ۋە رېئاللىقلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە 16- ئاپرېلدا ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى خەلقنىڭ ئاۋازىغا سۇندى. ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن كېيىن ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەزكۇر بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە دوكلاتىدىكى سەپسەتە ۋە رېئاللىقلار» ناملىق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * * * *

ئاساسىي قانۇن ۋە ئىجرائىيەنىڭ قوش باشلىق بولۇشى تۈركىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بەس – مۇنازىرە قىلىنىپ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. تۈركىيە 16 – ئاپرېلدا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، خەلقنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى سورىدى. ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن كېيىن، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ھەققىدە ئاساسەن دېگۈدەك ئەمەلىيەتتىن يىراق، خىيالىي سەپسەتىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتنىڭ ئۇسلۇبى ۋە ئوتتۇرىغا قويغان دەۋالىرى ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش بىر خەلقئارالىق ئورگانغا ياراشمايدۇ.

ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە 73 كۆزەتكۈچى ئەۋەتتى. مۇستەقىل ۋە بىتەرەپ بولۇشى شەرت بولغان بۇ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇنداق ئالاھىدىلىكى يوق ئىدى. گېرمانىيە پۇقراسى ئاندرېج ھۇنكو، ئىسپانىيە پۇقراسى لورېنا لز دې لاكاللې، ئاۋسترىيە پۇقراسى زەرىفە ياتكېنغا ئوخشاش كۆزەتكۈچىلەرنىڭ PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىكەنلىكىگە ۋە بېلەت تاشلاش پائالىيىتى دولقۇنى مۇساپىسىدە رەت قىلغۇچىلار سېپىنى پائال شەكىلدە قوللىغانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇق. ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتتا، يالغۇز ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنى رەت قىلغۇچى سىياسىي پارتىيەلەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەر ئورۇن ئالدى. دوكلاتنى ئوقۇغىنىڭىزدا، بۇنىڭ سالمىقى يوق كىشىلەر تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىنى روشەن ھېس قىلالايسىز.

دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تېمىلىرى توغرىسىدا بېلەت تاشلىغۇچىلارغا بىتەرەپ مەلۇمات بېرىلمىدى ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى مۇمكىن بولمىدى. بۇ قاراش توغرا ئەمەس. دەرۋەقە، بۇ خىل سايلاملاردا بىتەرەپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش رەسمىي ئورگانلارنىڭ ئەمەس، ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار بىلەن مەتبۇئات – نەشرىيات ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورگانلىرى بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلارغا توسالغۇ بولمىدى ۋە بىتەرەپ تارقىتىش بېرىش ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىت ھازىرلاپ بەردى. مەسىلەن، تۈركىيەدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە چوڭ ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ بىرى بولغان، تۈركىيە پاي چېكى بازارلىرى بىرلىكى، رەت قىلىش پىكرىنى بويلاپ دۆلەت مىقياسىدا ئاكتىپ پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندى.

ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تۈركىيەدە سايلام بەلگىلىمىسى خەلقئارالىق كۆزىتىش ئورگانلىرى ۋە پارتىيەلەر بىلەن ھەمكارلىقى بولمىغان كىشىلەرنىڭ كۆزەتكۈچىلىك قىلىشىغا يول قويمايدىكەن. بۇ ئاساسسىز بىر سۆز. چۈنكى، تۈركىيەدە بۇنداق بىر چەكلىمە ياكى توسالغۇ يوق. نۆۋەتتىكى سايلام بەلگىلىمىسى ۋە ئالىي سايلام ئورگىنى قارارلىرى ئىچىدە پارتىيەلەر بىلەن ئالاقىسى يوقلارنىڭ بېلەت تاشلايدىغان جايلارغا بېرىشىغا، ساندۇققا مەسئۇل بولۇشنى تەلەپ قىلىشىغا توسالغۇ بولىدىغان بىر كۆرسەتمە يوق. بىر خەلقئارالىق كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئىكەنلىكى ئوچۇق – ئاشكارا بولغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سايلام كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ بۇنداق بىر ئاساسسىز سۆزنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئەپسۇسكى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.  ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يەنە بىر ئاساسسىز سۆزى بويىچە بولغاندا، تاراتقۇلاردا بىرلا تەرەپ سالماقلىق دەرىجىدە ئورۇن ئالدى ۋە تاراتقۇغا قويۇلغان چەكلىمە بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ كۆپ سانلىقچى پىكىرلەرگە ئېرىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى. بۇمۇ خاتادۇر. چۈنكى، ئونلارچە تىراژى يۇقىرى گېزىت ۋە ئونلارچە چوڭ تېلېۋىزىيە قانىلى رەت قىلغۇچىلارنىڭ سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى ۋە ئاكتىپ تارقىتىش بەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپا تاراتقۇلىرى باشتا بولۇپ ئاساسەن دېگۈدەك پۈتكۈل غەرب تاراتقۇلىرى رەت قىلىش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى، ياۋروپادىكى تۈرك بېلەت تاشلىغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشتى ۋە ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتتى.

ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەنە، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە تەكلىپ قىلىنغان ئۆزگەرتىشلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ ئاۋاز بېلەتلىرىدىن ئورۇن ئالمىغانلىقىنى، بېلەت تاشلىغۇچىلاردىن ئاددىيلا قىلىپ قوللاش ياكى رەت قىلىشنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ قاراشلار،  ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. چۈنكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا كۆپلىگەن ئەللەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە بېلەت تاشلىغۇچىغا قوللاش ياكى رەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىككىلا تاللاش ئىمكانىيىتى سۇنۇلىدۇ. بۇ ئۇسۇل پلېبىست، دەپ ئاتىلىدۇ. بولۇپمۇ ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە ئالاقىدار بېلەت تاشلاردا پلېبىست ئۇسۇلى كەڭ قوللىنىدۇ. ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئەيىبلىشىنىڭ ياخشى نىيەتلىك ئەمەسلىكى روشەن. چۈنكى، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى پىلانى تۆت ئاي ئىلگىرى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە تەقدىم قىلىندى ۋە پارلامېنتتا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى دېگۈدەك بارلىق مۇنبەرلەردە بەس – مۇنازىرە قىلىندى.

ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەنە، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي ئەركىنلىكلەر چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان جىددىي ھالەت شارائىتىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ بۇ دەۋاسىمۇ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ يەردە خۇسۇسەن شۇنى تىلغا ئېلىشىمىز كېرەككى، جىددىي ھالەت بارلىق دېموكراتىك قانۇن دۆلەت تۈزۈملىرىدە بار بولغان، زۆرۈر تېپىلغاندا يولغا قويۇلىدىغان بىر خىل باشقۇرۇش ئۇسۇلى. دۆلەتلەر دېموكراتىيەگە خەۋپ ئېلىپ كەلگەن ئامىللارغا قارشى جەمئىيەتنىڭ تەرتىپ – ئىنتىزامىنى قوغداش، ئاساسىي ھەق – ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن، كېرەكلىك قانۇنىي چارىلەرنى يولغا قويۇش سالاھىيىتىگە ئىگە. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باشتىن كەچۈرگەن قانۇنسىز ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ۋە PKK / دائېش، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى دېگەندەك كۆپ قاتلاملىق تېررورلۇق تەھدىتلىرى جىددىي ھالەت ئېلان قىلىشنى شەرت قىلىدۇ. جىددىي ھالەت خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، پەقەت تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش ساھەسىدىلا ئىجرا قىلىنىدۇ. جىددىي ھالەت دائىرىسىدە خەلقنىڭ سايلاش – سايلىنىش ھوقۇقى قاتارلىق سىياسىي ھوقۇقلىرىغا ھېچقانداق چەكلىمە قويۇلمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، فىرانسىيەدە بەشىنچى قېتىم ئېلان قىلىنغان 2017 – يىلى 15 – ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدىغان جىددىي ھالەت مۇساپىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملار توغرىسىدا ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھېچقانداق ئەندىشە ھېس قىلماسلىقى، تۈركىيە توغرىسىدا بولسا توختىماستىن جىددىي ھالەتنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى، ئۇنىڭ يامان نىيەتلىك پوزىتسىيەسىنىڭ روشەن ناماياندىسى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر