«ئەنگلىيە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قەدەم تاشلىدى»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇساپىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

730071
«ئەنگلىيە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قەدەم تاشلىدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوندوندا ئۇچرىشىشلاردا بولۇۋاتقان يىلدىرىم ئەنگلىيەدىكى مۇھىم تۈرك جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، بۇككىنخام ئوردىسىدا يورك كىنەزى ئاندرېۋ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇچرىشىشنىڭ ناھايتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش نىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش قارارىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى مىخانىزملارغا ئېھتىياجىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلغان يىلدىرىم، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلىقنىڭ باشلانغانلىقىنى، ئەڭ ئىلغار ئايروپىلان ياساش مەسىلىسىدە تۈركىيەدىكى ئاۋىياتسىيە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈلۈپ، خىزمەت ئىشلىنىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئېنېرگىيە، ئۇچۇر – ئالاقە، سەھىيە ۋە ساياھەت ساھەلىرىدىمۇ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش شارائىتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى تەرەققىي قىلغاندا، رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە ھەم پىكىر ئوخشاشلىقىنىڭ تېخىمۇ كۈچىدىغانلىقىنى ھەم ئورتاق ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ ناھايتى مۇرەككەپلىكىنى، ئەتراپىدا ھەمىشە ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان يىلدىرىم، يېقىنقى 6 – 7  يىلدىن بۇيان سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشنىڭ، ئىراقتىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ، پەلەستىندىكى مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ ئېغىر بەدىلىنى تۈركىيەنىڭ تۆلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپادا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئىرقچىلىق ۋە چەت ئەل دۈشمەنلىكىگە قارشى تۈركىيەنىڭ ھەمىشە ئۆز پۇقرالىرىنى قوغداۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن يىلدىرىم مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئىرىقچىلىققا يۈزلەنگەن بۇ ئېقىم ھەممىمىز بولۇپمۇ چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان سىلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ قىيىن ئۆتكەلدۇر، ئەمما قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى ۋە ھۆكۈمىتى جۇمھۇر رەئىسىدىن تارتىپ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدىكى مەسئۇللىرىغىچە ھەمىشە سىلەر بىلەن بىللە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر