تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

730389
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى سىئىرتتە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان 5 تېررورچىسىنى ئۇجۇقتۇردى، ئىككى قورال ئىستىھكامىنى يوقىتىپ تاشلىدى.

شىرناقتا داۋاملىشىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بولسا، بەستلەر – دەرەلەر رايونىدا 500 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى بىر ئۆڭكۈر بايقالدى. ئۆڭكۈردىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھاۋا كۈچلىرىگە قارشى ئىشلىتىلىدىغان رۇسىيەدە ئىشلەنگەن سا-16 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە راكېتامىيوتى قولغا چۈشۈرۈلدى.

دىيارباكىرنىڭ كۇلپ ناھىيەسىدىكى 3 تاغلىق رايوندىمۇ تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر