ئەردوغان: شى جىنپىڭ، پۇتىن ۋە مەن ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزىمىز

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدىن قايتىۋېتىپ ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

725632
ئەردوغان: شى جىنپىڭ، پۇتىن ۋە مەن ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۈرىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK نىڭ ئۇ يەردىكى گۇماشتىسى ي پ گ تېررورچىلىرى بىلەن بىرلىكتە فوتو – سۈرەتكە چۈشۈشى پەيدا قىلغان بىئاراملىقنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدىن قايتىۋېتىپ ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. پۇتىننىڭ مەزكۇر فوتو – سۈرەتلەرنى كۆرۈپ، «بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىز بۇنداق بىر ئىشنىڭ ئىچىدە بولسا بولمايدۇ؛ تەكشۈرىمەن» دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىش ھۆرمەتلىك پۇتىنغا قالدى» دېدى.

ئەردوغان يەنە، «ئىدلىب ۋە باشقا بەش ئايرىم رايوندا توقۇنۇشماسلىق رايونى تەسىس قىلىش تەكلىپ قىلىنماقتا. ئەگەر مۇشۇنداق قىلىش ئىشقا ئاشسا، سۇرىيە مەسىلىسىنىڭ %50 ى ھەل بولغان بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، خىتايدا 14-، 15 – ماي كۈنلىرى چاقىرىلىدىغان «بىر بەلباغ بىر يول» يىغىنى دائىرىسىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، پۇتىننىڭ 22 – مايدا قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيەگە كېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر