تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ «ئانادولۇ يۇلتۇزى» ناملىق مانېۋىرى باشلاندى

16 دۆلەتتىن 27 نەپىرى چەت ئەللىك بولۇپ جەمئىي 60 كۆزەتكۈچى ئىشتىراك قىلغان «ئانادولۇ يۇلتۇزى – 2017» ناملىق بىرلەشمە ئىزدەش – قۇتقۇزۇش مانېۋىرى ئىزمىردا ئۆتكۈزۈلمەكتە.

724925
تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ «ئانادولۇ يۇلتۇزى» ناملىق مانېۋىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيەلىرى بىلەن قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئىشتىراك قىلغان مانېۋىر ئارقىلىق تۈركىيە ئارمىيەسى قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئىمكانىيىتى ۋە قابىلىيىتىگە قاراپ چىقىش شۇنداقلا ئورتاق ھەرىكەت قىلىدىغان چاغلاردىكى بىرلىك ۋە ماسلىشىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىلىشى نىشان قىلىنماقتا.

قاتناش، دېڭىزچىلىق ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاساسىي ئىزدەش – قۇتقۇزۇش كوردىناتسىيە مەركىزىمۇ ئىشتىراك قىلغان مانېۋىرنىڭ دەسلەپكى سېنارىيەسى بۈگۈن ئەگە دېڭىزىنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكى بىلەن ھاۋا ساھەسىدە، ئىككىنچىسى بولسا، ئەتە مەنەمەن ناھىيەسىدىكى تۇمانلىق تېغىدا ئىجرا قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر