ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئېغىر سۆز قىلدى

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ كەلگەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە نۆۋەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كەلگەنلىكىنى ۋە نېمە قىلدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

724429
ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئېغىر سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا شەرت قويۈپ، «بۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنگە قەدەر ئاچمىغان مۇزاكىرە ماددىلىرىنى ئېچىشتىن باشقا چارەڭلار يوق. ئاچساڭلار ياخشى، ئەمما ئاچمايدىغان بولساڭلار ئۇنداقتا خەيرخوش ئەمىسە!» دېدى.

ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە يېڭىدىن ئەزا بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پارتىيە مەركىزىدە چاقىرىلغان ئالاھىدە گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلدى.

تۈركىيەنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشقا كېرەكلىك بارلىق شەرتلەرنى ئۇرۇنداپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەمدىلىكتە نۆۋەتنىڭ قارشى تەرەپكە كەلگەنلىكىنى ۋە نېمە قىلدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان: «يېقىندا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەر يىغىنى بار، شۇ يەردە كۆرۈشەيلى دەپ، جىددىي ھالەت قانۇنىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى... ۋەھازاكالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 ماددا يېزىشىپتۇ. سىلەر بۇلارنى قويۇپ، ئۆزىڭلار نېمە ئىش قىلماقچى ئۇنى سۆزلەڭلار! ئالدى بىلەن بېرىپ فىرانسىيەدىكى جىددى ھالەت قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇڭلار! فىرانسىيە جىدىي ھالەت قانۇنىنى يولغا قويىدۇ، بىز قويالمايمىز، ئەپەندىلەردىن رۇخسەت ئېلىشىىمىز كېرەكمىش. يوق ئۇنداق ئىش. ئالدى سىلەر بەرگەن ۋەدەڭلاردا تۇرۇشۇڭلار ۋە مۇزاكىرە ماددىلىرىنى ئېچىشىڭلار لازىم. ئاچساڭلار ياخشى، ئەگەر ئاچمايدىغان بولساڭلار، ئۇنداقتا خەير خوش ئەمىسە» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىۋېيىتسارىيەدىكى تۈركىيەنىڭ زۇرىھ باش كونسولخانىسىغا  تۈنۈگۈن قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، «شىۋېيىتسارىيە ساقچىلىرى قېنى قەيەردە؟ بىز بۇ يەردە چەت ئەل ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىنى ئامانىتىمىز سۈپىتىدە قوغدايمىز. بىراق ئۇ يەردە ئوخشاش پوزىتسىيەنى كۆرەلمەيۋاتىمىز» دېدى.

كونسولخانا تېمىغا بوياق چېچىپ زىيان سالغان ھۇجۇمچىلار، ئاپتوبۇس بېكىتى بىلەن ئۇدۇلىدىكى تامغا «Kill Erdogan» (يەنى ئەردوغاننى ئۆلتۈرۈڭلار!) دەپ شوئارلارنى يېزىشقان ئىدى.

شىۋېيىتسارىيەدە مارت ئېيىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قويۇرقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بېشىغا تاپانچا تەڭلەنگەن رەسىملىك لوزىنكىلارنى ئېچىشقان ۋە رەسىمگە «ئەردوغاننى ئۆزىنىڭ قورالى بىلەن ئۆلتۈرۈڭلار!» دېگەن شوئارلارنى يېزىشقان ئىدى. شىۋېيىتسارىيە ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر