تۈركىيە ئامېرىكىنى «ھوشيار بولۇش» قا چاقىردى

تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرىنى ئەرمەن دىياسپوراسىنىڭ ئۆچمەنلىك ماھىيىتىدىكى سۆزلىرىدىن ھوشيار بولۇشقا چاقىردى.

719847
تۈركىيە ئامېرىكىنى «ھوشيار بولۇش» قا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 1915 – يىلىدىكى ئەرمەنلەرنى كۆچۈرۈش ھادىسىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن «ئېغىر پالاكەت» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ «1915 – يىل ۋەقەلىرى» گە ئالاقىدار يازما باياناتىدىكى خاتا مەلۇمات ۋە ئىبارىلەرنىڭ ئەرمەنلەر پەيدا قىلغان ئۇچۇر بۇلغىنىشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغانلىقىنى قەيت قىلغان ھالدا، «يېڭى ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ زوراۋانلىققا مايىللىقلىقى ۋە ئۆچمەنلىك ماھىيىتىدىكى پىكىرلىرى بىلەن تونۇلغان بۇ ئېقىمدىكىلەرنىڭ بىر تەرەپلىمە تارىخ تونۇشىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىكىنى ۋە پۈتكۈل تەرەپلەرنىڭ ئازابلىرىنى نەزەردە تۇتىدىغان پوزىتسىيەدە بولۇشىنى كۈتمەكتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئوسمان ئىمپېرىيەسى ئەرمەنلىرىنىڭ بۇ يىلمۇ ئىستانبۇل ئەرمەنى چېركاۋىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، لايىق بولغان ھۆرمەتكە مۇۋاپىق شەكىلدە خاتىرىلەنگەنلىكى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن باياناتتا يەنە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مەزكۇر مۇراسىمغا تېلېگرامما يوللىغانلىقىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈلدى.

ئەردوغان تېلېگراممىسىدا، «بىزگە نىسبەتەن ئەرمەنى جامائىتىنىڭ ھۇزۇرى، بىخەتەرلىكى ۋە بەخت – سائادىتى ناھايتى مۇھىم. بىرمۇ ئەرمەن پۇقرايىمىزنىڭ چەتكە قېقىلىشىغا، ئۆزىنى ئىككىنچى سىنىپ پۇقراسىدەك ھېس قىلىشىغا سەۋر – تاقىتىمىز يوقتۇر.» دېگەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەرمېنىيەنىڭ پايتەختى ئەرىۋاندا تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن 1915 – يىل ۋەقەلىرىنىڭ ئاتالمىش خاتىرە كۈنى پائالىيەتلىرى ئەسناسىدا، تۈركىيە بايرىقىنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرمۇ نارازىلىق پەيدا قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈرك مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئۇقۇم ئوخشاشلىقىغا ئىگە، دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان تۈركىيە بايرىقىغا قىلىنغان مەزكۇر قىلمىشنىڭ كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مەزكۇر پەسكەشلەرچە قىلمىش ۋە سادىر قىلغۇچىلىرىغا كۈچلۈك لەنەت ئېيتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر