دىيارباكىر ۋە شىرناقتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

دىيارباكىر ۋە شىرناقتا داۋاملىشىۋاتقان PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا 3 ئەسكەر شېھىت بولدى.

718588
دىيارباكىر ۋە شىرناقتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيارباكىرنىڭ كۇلپ ناھىيەسىدىكى PKK غا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە يارىلانغاندىن كېيىن، تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن دىيارباكىرنىڭ سالاھىددىن ئەييۇبى دوختۇرخانىسغا ئېلىپ بېرىلغان 3 ئەسكەرنىڭ بىرى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.

شىرناقنىڭ ئۇلۇدەرە ناھىيەسىدە بولسا، 23 – قوراللىق ساقچى قىسىم چېگرا مۇداپىئە قوماندانلىقىغا قاراشلىق خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بەستلەر – دەرەلەر رايونىدىكى ھەرىكىتى جەريانىدا بىر گۇرۇپپا تېررورچى بىلەن توقۇنۇشتى؛ تېررورچىلارنىڭ ئوقىدا ئېغىر يارىلانغان 2 ئەسكەر، شىرناق دۆلەت دوختۇرخانىسىدىكى پۈتكۈل تىرىشچانلىقلار ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان PKK غا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا 12 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى مەركەزلەشتۈرۈلگەن شىرناقتا يېقىنقى 4 كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 37 گە يەتتى.

بۇ جەرياندا، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زاپ ۋە گارا رايونلىرىغا قىلىنغان ھاۋا ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلارنىڭ 2 ئۆڭكۈرى بىلەن 4 قورال ئىستىھكامى پاچاقلاپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر