تۈركىيە ئافغانىستاندىكى ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئافغانىستان بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
![تۈركىيە ئافغانىستاندىكى ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/fcad/8c9c/49a7/58f4ec032fbe1.jpg?time=1718804518)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئافغانىستاندىكى ھەربىي بازىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا: «تېررورلۇق ھۇجۇمى سەۋەبىدىن دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە، 140 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى ۋە نۇرغۇن ئەسكەرنىڭ يارىدار بولغانلىقىدىن ئىنتايىن ئازابلانغان ھالدا خەۋەر تاپتۇق» دېيىلدى.
باياناتتا يەنە، تۈركىيەنىڭ بۇ خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەڭ قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئافغانىستان بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىمۇ تەكىتلەندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718804519)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718804519)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.