تۈركىيە: تېررورچىلارنىڭ پارچە لاتىسىنى تۇتۇپ سۈرەتكە چۈشكەن بىرى بىتەرەپ بولالامدۇ؟

ياۋروپا كېڭىشى سايلام كۆزەتكۈچىسى گېرمانىيە سولچى پارتىيە پارلامېنت ئەزاسى ئاندرېج ھۇنكو توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

715429
تۈركىيە: تېررورچىلارنىڭ پارچە لاتىسىنى تۇتۇپ سۈرەتكە چۈشكەن بىرى بىتەرەپ بولالامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، ئەنقەرەنىڭ، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا سىمۋوللۇق قىلىدىغان پارچە لاتىنىڭ ئالدىدا سۈرەتكە چۈشكەن ياۋروپا كېڭىشى سايلام كۆزەتكۈچىسىنىڭ بىتەرەپ پوزىتسىيەدە بولۇشىنى كۈتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ رەسمىي تۋىتتېر ئادرېسىدا ياۋروپا كېڭىشى سايلام كۆزەتكۈچىسى گېرمانىيە سولچى پارتىيە پارلامېنت ئەزاسى ئاندرېج ھۇنكونىڭ PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا سىمۋوللۇق قىلىدىغان پارچە لاتىنىڭ ئالدىدا چۈشكەن سۈرىتىنى تارقىتىپ، ئاستىغا «خائىنلارنىڭ لاتىسىنى تۇتۇپ رەسىمگە چۈشكەن ھۇنكو، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ سايلام كۆزەتكۈچىسى. بۇنىڭدىن بىتەرەپ بولۇشنى كۈتەمدۇق؟» دەپ يازدى.

ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى دېموكراتىك ئورگانلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىيۇروسى بىلەن ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى بولغان خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ھەيئىتى، تۈركىيەدە ھەپتە ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ بايانات بەرگەنىدى.

ھەيئەتنىڭ بىر تەرەپلىمە شۇنداقلا ناھەق ئىبارىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باياناتى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر