چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى «سىر» نى ئاشكارىلىدى
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، رۇس مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئانتاليانىڭ كونيائالتى ناھىيەسىدىكى بىر خۇسۇسىي مەكتەپتە ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا، ئانتاليادا ياشايدىغان رۇسلار بىلەن ئۇچراشتى.
![چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى «سىر» نى ئاشكارىلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/19e9/f492/f783/58d88ba02f8de.jpg?time=1718834455)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭمۇ، رۇسىيەنىڭمۇ بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ھالدا، «بىزدىن <رۇسىيە بىلەن قانداق قىلىپ بۇنچىلىك ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالىدىڭلار؟> دەپ سورىشىدۇ. بىزنىڭ جاۋابىمىز ئاددىي، ھەم تۈركىيە ھەم رۇسىيە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرىدۇ، تۈزگەن كېلىشىملەرگە رىئايە قىلىدۇ، شۇڭا، ئۈنۈم ھاسىل قىلىمىز» دېدى.
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، رۇس مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئانتاليانىڭ كونيائالتى ناھىيەسىدىكى بىر خۇسۇسىي مەكتەپتە ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا، ئانتاليادا ياشايدىغان رۇسلار بىلەن ئۇچراشتى.
رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈنسېرى نورماللىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەپ ئۆتكەن مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، رەھبەرلەر ئارىسىدا ياخشى دوستلۇق رىشتىسى بارلىقىنى، ئاخىرقى قېتىم 10 – مارتتا موسكۋادا ئورتاق كابىنېت يىغىنى چاقىرىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياخشى بولۇشىنىڭ رايوننىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقىمۇ تۆھپە قوشقانلىقىنى، سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە ۋاسىتە بولغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
چاۋۇشئوغلۇ، ئەنقەرەنىڭ رايوننىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718834455)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718834455)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.