تۈركىيە گوللاندىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ گوللاندىيەدىكى پائالىيىتىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

696382
تۈركىيە گوللاندىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرىنىڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلىنىشى گوللاندىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە دۆلىتىمىزگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بىرتەرەپلىمە ۋە دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيەسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا» دېيىلدى.

گوللاندىيەنىڭ تۈرك مىنىستىرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قىلغان توسقۇنلۇقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «زېمىنلىرىدا ياشاۋاتقان تۈرك خەلقىنىڭ تۈرك ئەمەلدارلار بىلەن ئۇچرىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق دىپلوماتىك ۋە كونسۇلخانا مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغان، پىكىر ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنى تارتىۋالغان گوللاندىيەنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئۆتكۈزۈلىدىغان (16- ئاپرېل) ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا شوئارلار توۋلانغان پائالىيىتىگە رۇخسەت قىلىشى قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇ پوزىتسىيە، دۆلىتىمىزگە قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قوش ئۆلچەملىك سىياسەتلەرنىڭ يېڭى بىر مىسالى بولۇش بىلەن بىرگە، مەزكۇر دۆلەتنىڭ دۇنياۋى قىممەت – قاراشلارنى بۇرمىلاش ماھىيىتىدىكى سىياسەتلىرى نۇقتىسىدىنمۇ ئىبرەتلىك بىر ئىشتۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرى، گوللاندىيەنىڭ لاھەي شەھىرىدە «نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش» نامى ئاستىدا باش تېررورچىنىڭ رەسىملىرى ۋە تەشكىلاتقا سىمۋوللۇق قىلىدىغان لاتا پارچىلىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر