تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى» ماۋزۇلۇق ئانالىزى ھۇزۇرۇڭلاردا...

693668
تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىگە ئالاقىدار كېلىشىمنى ماقۇللىدى. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە 2016 – يىلى 2 – دېكابىردا قوبۇل قىلىنغان مەزكۇر كېلىشىم، رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى دۇمادا 20 – يانۋاردا، رۇسىيە فېدېراتسىيە كېڭىشىدە بولسا، 1 – فېۋرالدا قوبۇل قىلغانىدى. تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىغا دائىر ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىم بولسا، تۈركىيە  بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا 2016 – يىلى 10 – ئۆكتەبىردە ئىمزالانغانىدى.

تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ دېڭىزدىكى قىسمى رۇسىيە تەۋەلىكىدىكى ئاناپادىن باشلىنىپ تۈركىيەنىڭ تراكيا رايونىدىكى قىيىكۆيدە ئاخىرلىشىدۇ.  تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى سايىسىدا تۈركىيە تېخىمۇ ئەرزان تەبىئىي گازغا ئىگە بولالايدۇ. چۈنكى، بۇ لايىھە سايىسىدا تەبىئىي گاز ئۆزى بېسىپ ئۆتىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەمەس، بىۋاسىتە تۈركىيەگە كېلىدۇ. تۈركىيە نۆۋەتتە ئۇكرائىنا، مولداۋىيە، رومىنىيە، بۇلغارىيە تۇرۇبا لىنىيەلىرى ئارقىلىق يىلدا 14 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئالىدۇ. ئەمما، تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى ئىشقا ئاشقاندا بولسا، تۈركىيە تەبىئىي گازنى رۇسىيەدىن / قارا دېڭىز ئارقىلىق بىۋاسىتە كېلىدىغان لىنىيەدىن ئالىدۇ. بۇ ئەھۋال، بېسىپ ئۆتۈش چىقىملىرىنى تۆلىمەيدىغان تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ ئەرزان باھادا تەبىئىي گاز ئېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە رۇسىيە – ئۇكرائىنا ياكى رۇسىيە – رومىنىيە / بۇلغارىيە ئارىسىدا يۈز بەرگۈسى كىرىزىسلەردىمۇ تۈركىيە تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە گاز يەتكۈزۈش سىغىمچانلىقى 63 مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن يىلدا 14 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئېلىشى ۋە قالغان 49 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گازنىڭ تۈركىيەنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن گىرېتسىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا.

غەربنىڭ نۆۋەتتىكى قوش ئۆلچەملىك سىياسەتلىرى تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنى ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئىتتىرمەكتە. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، خەلقئارا ۋە رايوننىڭ ۋەزىيىتى تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى ئۈچۈن مۇۋاپىق سىياسىي شارائىت ھازىرلىماقتا. تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلسىمۇ، بۇ لايىھەنىڭ ئېنېرگىيە تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىللاشتۇرۇشقا قوشىدىغان تۆھپىسى چەكلىك. تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىش نىسبىتى %72 ئەتراپىدا بولۇپ، تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گاز جەھەتتە رۇسىيەگە چۈشىدىغان ئېھتىياجى خۇسۇسىي ساھەلەرنى قوشقاندا، %42، خۇسۇسىي ساھەلەرنى چىقىرىۋەتكەندە، %29 ئەتراپىدا.

تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى تۈركىيەنىڭ دۇنيا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىدە ئويناشنى پىلانلاۋاتقان بىر ئېنېرگىيە مەركىزى ۋە ئۆتۈش دۆلىتى بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغىمۇ ياردەمچى بولىدۇ. تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى سايىسىدا تۈركىيە رۇسىيەدىن قوشۇمچە تەبىئىي گاز ئالمايدۇ. پەقەت سېتىۋالغان گازنىڭ يولىنى ئۆزگەرتىدۇ. تۈرك ئېقىمى بىلەن ياۋروپاغا بارىدىغان تەبىئىي گازنىڭ تۈركىيە زېمىنلىرىنى بېسىپ ئۆتىدىغان بولۇشى، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە مەركىزى بولۇش يولىدىكى ئىستراتېگىيەسىگە ھەسسە قوشىدۇ. رۇسىيە تەبىئىي گازىنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا تۈرك ئېقىمى نامى بىلەن باغلىنىدىغان بولۇشى تۈركىيە – رۇسىيە ھەمكارلىقىنى تۇراقلىق ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ ئېنېرگىيە سايىسىدا يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈشكىمۇ بولىدۇ.

تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى رۇسىيەنىڭ تۈركىيەگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ مەھسۇلى. تۈرك ئېقىمى ئېنېرگىيە يەتكۈزۈشتە يېڭى بىر يول ھاسىل قىلىشى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى نۇقتىسىدىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيەنىڭ تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولىدىغان ئاققۇيۇ يادرو ئىستانسىسىنىڭ رۇسىيەگە تەۋە بىر ئېنېرگىيە شىركىتى تەرىپىدىن سېلىنىدىغان بولۇشىمۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنياۋى ئۆلچەمدىكى مۇھىم ئېنېرگىيە لايىھەلىرىدە ئورۇن ئالغان تۈركىيە، ئېنېرگىيە مەركىزى بولۇش جەھەتتە تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى بىلەن بىرلىكتە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىدۇ. ھەم تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى ھەم تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى ۋە تىرانس ئادرىئاتىك تۇرۇبا لىنىيەلىرى سايىسىدا تۈركىيە، ئېنېرگىيە تارقىتىشتا ۋاسىتىچى رولنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، دۇنيا ئېنېرگىيە خەرىتىسىدە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ. ئېنېرگىيەنىڭ دۇنيا سىياسىتى ۋە دۇنيا پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدىكى ئەھمىيىتىنى بىلىمىز. تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە مەركىزى بولۇش يولىدا تاشلىغان بۇ قەدەملىرى، تۈركىيەنىڭ رايون خاراكتېرلىك بىر ئاكتىيورلۇقتىن دۇنياۋى بىر ئاكتىيورغا ئايلىنىش مۇساپىسىدە ھالقىلىق رول ئوينىشى مۇمكىن.

دۇنياۋى ئاكتىيور بولۇشنى نىشان قىلغان تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە بازىسى بولۇش تىرىشچانلىقىنى پەقەت ئىقتىسادىي پايدىلار كۆزنىكىدىنلا ئانالىز قىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇ ئەھۋال ئوخشاش ۋاقىتتا سىياسىي جەھەتتىمۇ تۈركىيەنىڭ كۈچىيىشى دېگەنلىك بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇلار كۇپايە قىلمايدۇ. رايوندىكى جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە قۇربى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئېنېرگىيە سودا مەركىزى بولالايدىغان ئەڭ كۈچلۈك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە دۆلەت تۈركىيە. بىراق، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە پىلانىنىڭ يۈكسەك پەللىسى بولغان ئېنېرگىيە مەركىزىگە ئايلىنىش نىشانى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، ئۆز تەلىپىدىن ئارتۇق تەبىئىي گازغا ئىگە بولۇشى ۋە مەنبەلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشىغا ئېھتىياج بار.

تۈركىيە نۆۋەتتە رۇسىيە تەبىئىي گازنى ماۋى ئېقىم ۋە تىرانس بالقان تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق ئالماقتا. تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى بىلەن تۈركىيە مەنبەنى ئەمەس، تەبىئىي گاز لىنىيەلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرغان بولىدۇ. تۈركىيە ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئېنېرگىيە لىنىيەلىرىنىڭ ئۆتۈش يولى مەسىلىسىدە ئاكتىپ سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىشى، بۇ دائىرىدە پەقەت بىر كۆۋرۈك بولۇش بىلەن كۇپايىلەنمەسلىكى كېرەك. خۇلاسىلىگەندە، تۈرك ئېقىمى تۈركىيەنىڭ مىللىي ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەيتىش يولىدا تاشلانغان مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر