چەلىك: ياۋروپا بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنى كۆزدىن كەچۈرۈشنىڭ ۋاقتى كەلدى

ئۆمەر چەلىك، رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا يېقىندا كۆرۈلگەن سۈركىلىشلەرگە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

691787
چەلىك: ياۋروپا بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنى كۆزدىن كەچۈرۈشنىڭ ۋاقتى كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھاسىل قىلىنغان مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ قوبۇل قىلىش كېلىشىمىنى كۆزدىن كەچۈرۈشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر چەلىك، رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا يېقىندا كۆرۈلگەن سۈركىلىشلەرگە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

«تۈركىيە كۆچمەن (مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ قوبۇل قىلىش) كېلىشىمىگە دائىر بارلىق ئىشلار قىلدى، بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى ھېچبىر ۋەدىسىنى ئورۇندىمىدى» دېگەن مىنىستىر چەلىك، تۈركىيەنىڭ بۇ كېلىشىمنى خالىغان چېغىدا، خالىغان شەكىلدە كۆزدىن كەچۈرەلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بۇ كېلىشىمگە رىئايە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ بىرەر سەۋەبى بار، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چەلىك، «(تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا) ۋىزىسىز كىرىشى مەسىلىسىدە شۇنى چۈشىنىپ يەتتۇقكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ مەسىلىدە ئوبيېكتىپ ۋە ھەققانىي پوزىتسىيەدە بولمايدۇ، بۇ جەزملەشتى. بۇنداق شارائىت ئاستىدا، تېررور بەلگىلىمىسىنى كېڭەيتەلمەيمىز، ۋىزا مەسىلىسىدە (ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فرانس) تىممېرمانس بىلەن كۆرۈشەتتۇق، بىراق ئىلگىرىلەش كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈن، بۇ باسقۇچتا بۇنىڭ كېرەكلىك ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ۋەدىسىدە تۇرماسلىقنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئادىتىگە ئايلانغانلىقىنى قەيت قىلغان چەلىك، بۇ خىل ئىككىلىنىش ھەل بولمىسا، مۇناسىۋەتلەرنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر