«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە توغرۇلۇق بەرگەن باياناتى ئەرزىمەستۇر»

تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە-گوللاندىيە كىرىزىسى سەۋەبىدىن بەرگەن باياناتىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن ئەرزىمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

690911
«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە توغرۇلۇق بەرگەن باياناتى ئەرزىمەستۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە-گوللاندىيە كىرىزىسىگە سەۋەب بولغان گوللاندىيەنى ئەمەس تۈركىيەنى «ئاشقۇن باياناتلارنى بەرمەسلىككە چاقىرىشىنىڭ»ھېچقانداق قىممىتى يوقلىقىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى  بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «يېقىنقى كۈنلەردە دۆلىتىمىز بىلەن بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىشلەر توغرۇلۇق ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى قوشنىدارچىلىق ۋە كېڭىيىش مۇزاكىرە ئىشلىرى مەسئۇلى جوھاننېس تەرىپىدىن تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان باياناتلاردا خاتا باھالارنىڭ بارلىقى ۋە ھەر خىل كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىدىيە بۇراشقا ئۇرۇنغانلىقى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتىكى كىرىزىسىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرمەسلىك ئۈچۈن، دىپلوماتىك ئەھدىنامىلەر ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئارقىلىق بۇ كىرىزىسكە سەۋەب بولغان دۆلەتلەرنى ئەمەس، دۆلىتىمىزنى ئاشقۇن باياناتلار بەرمەسلىككە ۋە قەدەملەرنى تاشلىماسلىققا چاقىرغان باياناتىنىڭ، چەت ئەللىك دۈشمەنلىكى بىلەن تۈرك دۈشمەنلىكىگە ئوخشاش رادىكال ئېقىملارغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئوبدان ئاڭقىرۋېلىشى لازىم.

ياۋروپا ئىتتىپاقى1961-يىلدا ئورنىتىلغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە ئالاقىدار ۋىيانا ئەھدىنامىسى بىلەن 1963-يىلى ئورنىتىلغان كونسولخانا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى ۋىيانا ئەھدىنامىسىنى، ئاساسلىق ئىنسان ھەقلىرىنى، ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى ئەھدىنامىسىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى  بىلەن خەلقئارالىق مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغان دۆلەتلەرگە كۈچلۈك شەكىلدە سىگنال بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئەزالىرى تەرەپتە تۇرۇپ ئىنسان ھەقلىرى بىلەن ياۋروپا قىممەت ئۆلچەملىرىگە زىت ھەرىكەت قىلغان گوللاندىيەگە يان بېسىشى ھەقىقەتەن ۋەھىمىيلىك ئەھۋالدۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنى، ھەق-ھوقۇقلارنى ۋە ئەركىنلىكلەرنى ئۆتكۈنچى بولسىمۇ تەدبىق قىلىۋاتقان بولسا، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىئالوگ ئۆتكۈزۈشنى تەۋسىيە قىلىپ كەلمەكتە، ئۇلار گوللاندىيەنىڭ ئورنىغا دۆلىتىمىزدەك قانۇن ۋە دېموكراتىيەنىڭ روھى بويىچە ئىش تۇتۇپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەتنى ئەيىبلمەكتە، شۇڭلاشقا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئاساسىز ۋە مەسئۇلىيەتسىزلەرچە بەرگەن باياناتلىرىنىڭ بىزگە نىسبەتەن ھېچقانداق قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى يوق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر