ئەردوغان رۇسىيە زىيارىتىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولغانلىقىنى بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە زىيارىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

689630
ئەردوغان رۇسىيە زىيارىتىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئوخشاش بىر سەپتە ئورۇن ئالمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە زىيارىتىدىن قايتىش سەپىرىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى مەۋجۇدلۇقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالى توغرۇلۇق كۆز-قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئەردوغان رۇسىيەنىڭ «بىز سۈرىيەدە تۈركىيەگە قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان تېررولۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئوخشاش بىر سەپتە تۇرمايمىز»دېگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى ياقلايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «پۇتىن قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ تۈركىيەگە قارشى بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، راققا بولۇپ دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىسىدىمۇ رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇنبىچ مەسىلىسىدە خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ بۇ جايدىكى گۇماشتىسى بولغان پ ي د بىلەن ي پ گ نىڭ شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان، رۇسىيە زىيارىتىدە مۇنبىچقا مۇنبىچ خەلقىنىڭ قايتىدىن ماكانلىشىشى لازىملىقىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىنىش پىلانلانغان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بولغان S-400توغرۇلۇقمۇ توختىلىپ، بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيەنىڭ بۇرۇن بەرگەن باھانى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى،ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئىشنى بۇرۇنراق تاماملاش نىيتىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئەردوغان ئاخىرىدا مۇنۇلارنى دېدى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ناتو دائىرىسىدە بۇ شارائىتلارغا ئىگە بولالمىساق، ئۆزىمىز ئەلۋەتتە چىقىش يولى تاپىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر