تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

دىيارباكىرنىڭ لىجە ۋە بىنگۆلنىڭ گەنچ ناھىيەسىدىكى PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىدە 10 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

687209
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورچىلار تۇرۇۋاتقان جايلار ئالدى بىلەن تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىندى، ئارقىدىن تېررورچىلار بىلەن ئېتىشىش يۈز بەردى. لىجە تاغلىق رايونىدىكى توقۇنۇشتا 4، گەنچتىكى توقۇنۇشتا بولسا، 6 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

لىجەدە ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەن تېررورچىلاردىن بىرىنىڭ 22 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، شۇنداقلا دىيارباكىردىكى 7 بومبىلىق ھۇجۇمنىڭ سادىر قىلغۇچىسى ئەرھان سىسەر تەخەللۇسلۇق ئەدىب يەتۈت ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى. يېشىل تىزىملىكتە ئىسمى بار بۇ تېررورچىنى تۇتۇپ بەرگۈچىلەر ياكى مەلۇم قىلغۇچىلارغا بىر مىليون لىرا مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.

ئەرزىنجاننىڭ كەماھ تاغلىق رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىمۇ، تېررورچىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان ئۆڭكۈر ۋە پاناھلىنىش ئورۇنلىرى يوقىتىپ تاشلاندى. ھەرىكەت جەريانىدا نۇرغۇن قورال ۋە ئوق – دورا بىلەن بىرلىكتە، كۆپ مىقداردا زەھەرلىك چېكىملىك قولغا چۈشۈرۈلدى.

ھاككارىدىكى دۆلەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئۆستەڭ بويىغا يوشۇرۇپ قويۇلغان گراناتاميوت ۋە 5 دانە گراناتاميوت ئوقى تېپىلدى، تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇم نىشانىدىكى كىشىلەرگە سۇيىقەست قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر