يۈزدىن ئارتۇق چەت ئەللىك قولغا چۈشۈرۈلدى

ئىزمىردا قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق گىرېتسىيەگە ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان 145 چەت ئەل پۇقراسى قولغا چۈشۈرۈلدى.

686529
يۈزدىن ئارتۇق چەت ئەللىك قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىزمىر ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى، قانۇنسىز كۆچمەنلىك ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش دائىرىسىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، چەشمەدىكى قارا ئابدۇللاھ دوقمۇشىدا 42، سەپەرھىسار ئاتاتۈرك مەھەللىسىدە 66 ۋە مەندەرەسكە قاراشلىق ئۆزدەرە چۇقۇرئالتى رايونىدا 37 چەت ئەل پۇقراسىنى قولغا چۈشۈردى.

زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، قانۇنسىز قېچىش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ 7 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى، 1 يەلكەنلىك كېمە، ئىككى يەل كېمىسى، بىر كېمە موتورى ۋە 25 دانە لەيلەتمە جىلىتكە قولغا چۈشۈرۈلدى.

قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى رەسمىيەتلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەدلىيەگە يوللانغان گۇماندارلاردىن بىرى تۈرك جەمئىي 5 كىشى تۇتقۇن قىلىندى، 2 كىشى ئەدلىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا شەرتلىك قويۇپ بېرىلدى.

قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق گىرېتسىيەگە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان 133 سۈرىيە ، 3 ئېفىيوپىيە ، 2 رۇئاندا، 1 كامېرون ۋە 6 ئىراق پۇقراسى كۆچمەن ئىزمىر كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر