ئوردۇ – گىرەسۇندىن گېرمانىيەگە ھاۋا قاتنىشى باشلاندى

تۈركىيەنىڭ دېڭىز ئۈستىگە بەرپا قىلىنغان تۇنجى ۋە بىردىنبىر ئايرودۇرۇمى ھېسابلىنىدىغان ئوردۇ – گىرەسۇن ئايرودۇرۇمىدىن گېرمانىيەگە بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشى باشلاندى.

683443
ئوردۇ – گىرەسۇندىن گېرمانىيەگە ھاۋا قاتنىشى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدىن 172 يولۇچىنى ئېلىپ قوزغالغان ئايروپىلان ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 3 تە ئوردۇ – گىرەسۇن ئايرودۇرۇمىغا قوندى، ئاندىن 170 يولۇچىنى ئېلىپ گېرمانىيەگە قايتتى.

ئوردۇ – گىرەسۇندىن گېرمانىيەگە بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشىنىڭ باشلىنىشى گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەرنى چەكسىز شاد – خۇراملىققا چۆمدۈردى.

گېرمانىيەگە ھازىرچە ھەپتىدە بىر قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ھاۋا قاتنىشى سانىنىڭ ياز ئايلىرىدا كۆپەيتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر