تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

كەچتە كەلگەن جىددىي ئىستىخباراتقا بىنائەن تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

682364
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ئىراقتا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا تەۋە 16 نىشان پاچاقلاپ تاشلاندى.

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قاندىل ۋە ئاۋشىن- باسيان رايونلىرىدا تۈنۈگۈن كەچتە كەلگەن جىددىي ئىستىخباراتقا بىنائەن تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھەرىكەتتە پ ك ك تېررورچىلىرىغا تەۋە 16 نىشانغا ھۇجۇم قىلىندى.

ھۇجۇمدا غار ۋە مۈكىنىدىغان پاناھجايلار بىتچىت قىلىپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر