تۈركىيە ئارمىيەسى ئىچىدىكى ياغلىق چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
تۈركىيەدە ھەربىي ئايال ئوفېتسىرلەردىن تارتىپ، ھەربىي ئوقۇغۇچى ۋە كۇرساتلارغا قەدەر ياغلىق چىگىش ئەركىنلىكى يولغا قويۇلىدىغان بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ئىچىدىكى ھەربىي ئايال ئوفېتسىر ۋە يارىدەمچى ئوفېتسىرلار بۇنىڭدىن كېيىن ياغلىق چىگىپ خىزمەت قىلالايدۇ.
دۆلەت مۇدائىپە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ كېيىم – كىچەك ئىنتىزام - تەرتىپىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشگە ئالاقىدار بەلگىلىمە تەييارلاندى.
بەلگىلىمە دائىرىسىدە، تۈركىيە ئارمىيەسى، ئارمىيە باش ئىشتابى ۋە ھەر قايسى قوماندانلىق ئىشتابلىرىغا قاراشلىق قىسىملاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىي ئايال ئوفېتسىر ۋە يارىدەمچى ئوفېتسىرلارنىڭ ياغلىق چىگىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ.
تۈركىيە ئارمىيەسى كېيىم – كىچەك ئىنتىزام – تەرتىپىنىڭ «ئومۇمىي ھۆكۈملەر» بۆلىمىگە قوشۇلغان مەزكۇر ماددىدا، «قۇرۇغلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەسى ئەزالىرى ئايال ئوفېتسىر ۋە ياردەمچى ئوفېتسىرلار، كېلىشىملىك ئايال ئوفېتسىر ۋە كېلىشىملىك ئايال ياردەمچى ئوفېتسىرلار، ھەربىي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچى نامزاتلىرى شۇنداقلا كۇرسانتلىرى رەسمىي ھەربىي فورمىسى بىلەن بىرلىكتە، شەپكە ۋە قالپاق ئاستىغا فورمىسىنىڭ رەڭگىگە ماس ھالدا تارقىتىلغان سىدام ياغلىقنى يۈزىنى توسىۋالمايدىغان شەكىلدە چەگسە بولىدۇ» دېيىلدى.
بۇ بەلگىلىمە رەسمىي گېزىتتتا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.