تۈرك قىزىنىڭ ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيىتى

تۈرك قىزىنىڭ تېرىقچىلىق روبوتى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى بولدى.

674873
تۈرك قىزىنىڭ ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەندە 23 دۆلەتتىن 247 لايىھە قاتناشتۇرۇلغان تەيۋەن خەلقئارا پەن تېخنىكا يەرمەنكىسىگە تۈركىيەگە ۋاكالىتەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئالارا گۈلەر قاتناشتى.

ئۇنىڭ «ئۇرۇقچا روبوتى» دەپ ئىسىم قويغان تېرىقچىلىققا نىسبەتەن چېقىمى ئاز، يېرىم ئاپتوماتىك يۆتكىلىشچان روبوت لايىھەسى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى بولدى.

ئالارا گۈلەر ئىجاد قىلغان «ئۇرۇقچا روبوتى» كىچىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك باغچا تىرىقچىلىقى ساھەسىدە ئىشلىتىلىدۇ. «ئۇرۇقچا روبوتى» تېخىمۇ ئاز ئىنسان ئەمگەك كۈچى، چىقىم ۋە ۋاقت سەرپىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ يېزا ئىگىلىكى ساھەسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر