تۈركىيە خەلقى سۈرىيە خەلقىگە داۋاملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بەرمەكتە

سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدىن باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاھالىگە بۇ قېتىم شانلىئۇرفا، ئاماسيا، دۈزجە ۋە قارس ئاھالىسى ياردەم قولىنى سۇندى.

674098
تۈركىيە خەلقى سۈرىيە خەلقىگە داۋاملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توپلانغان 15 يۈك ماشىنىلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرى سۈرىيەگە ئەۋەتىلدى.

شانلىئۇرفا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مۇنبىرى باشچىلىقىدا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى ئاستىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى جەريانىدا 10 يۈك ماشىنىلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى توپلاندى.

ئاماسيادىن دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى يىغقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىلى سۈرىيەگە قاراپ يولغا چىقتى.

دۈزجەدە ئوقۇغۇچىلار ئىشقا كىرىشتۈرگەن سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى جەريانىدا توپلانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىمۇ سۈرىيەگە ئەۋەتىلدى.

قارسنىڭ سارىقامىش رايونىدا توپلانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىمۇ 3 يۈك ئاپتوموبىلىغا قاچىلىنىپ، ھەلەبتىن باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاھالىگە ئەۋەتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر