ئەردوغان قاتارغا يېتىپ باردى

ئەردوغان بۈگۈن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئەل سانى تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسم بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ.

672643
ئەردوغان قاتارغا يېتىپ باردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى زىيارىتىنىڭ ئۈچىنچى بېكىتى قاتارغا يېتىپ باردى.

پايتەخت دوھادا قاتار ئېنېرگىيە ۋە سانائەت ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەممەد ئەل سادا، قاتارنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سالىم مۇبارەك، تۈركىيەنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەھمەت دەمىرئوق بىلەن بىرگە تۈركىيە ئەلچىخانىسى خادىملىرى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى قارشى ئالدى.

ئەردوغان دەسلەپتە قاتارنىڭ سابىق ئەمىرى شەيخ ھاماد بىن خەلىپە ئەلسانى بىلەن كۆرۈشتى.

ئەردوغان بۈگۈن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئەل سانى تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسم بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ. ئاندىن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردا بولغاندىن كېيىن، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ.

بۇ قېتىمقى زىيارەت دېكابىر ئېيىدا تىرابزوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە – قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستىراتېگىيە كومىتېتىنىڭ 2 – نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئارقىدىنلا ئېلىپ بېرىلماقتا. كومىتېتنىڭ 1 – نۆۋەتلىك يىغىنى 2015 – يىلى دېكابىردا قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

قاتار زىيارىتى جەريانىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، ئارمىيە باش قوماندانى گېنېرال خۇلۇسى ئاقار، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىقتىىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ھاقان فىدان ھەمراھ بولماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر