تۈركىيە رىم دائىرىلىرىنىڭ ئېنوسىس قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرى مەجلىسىنىڭ مەكتەپلەردە «ئېنوسىسنىڭ تەبرىكلىنىشى» قارارى نارازىلىق بىلدۈردى.

672678
تۈركىيە رىم دائىرىلىرىنىڭ ئېنوسىس قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، «رىم رەھبەرنىڭ بۇ قارارى <تارىخىي ھادىسىگە ئادەتتىكىچە كۆز بىلەن قاراش> دەپ قارىشى ۋە بۇنى 20 – ئىيۇل قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى شۇنداقلا 15 – نويابىر شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ۋاقتى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويۇپ باھا بېرىشى بىمەنىلىك بولۇپ، قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

باياناتتا، «رىم تەرەپنىڭ قىبرىس تۈركلىرىنى ئارالنىڭ ئورتاق ئىگىسى، دەپ قارىمايدىغان ھۆكۈمران ئورۇندىكى بۇ چۈشەنچىسىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولماي تۇرۇپ، قىبرىس مەسىلىسىگە چارە تېپىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى قىيىنلىشىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، ئاشقۇن ئوڭچى /  ئىرقچى مىللىي خەلق فىرونتى تەرىپىدىن سۇنۇلۇپ 10 – فېۋرالدا جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرى مەجلىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان، قىبرىسنىڭ رىم تەرىپىگە قارىتىلىشىنى مەزمۇن قىلغان «1950 – يىلىدىكى ئېنوسىس ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ رىم مەكتەپلىرىدە تەبرىكلىنىشى» توغرىسىدىكى قارارىغا ئالاقىدار شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى مەجلىسى تەرىپىدىن دۈشەنبە كۈنى قوبۇل قىلىنغان ئورتاق باياناتنىڭ قىبرىس تۈرك تەرىپىنىڭ ئورۇنلۇق ئۈمىد ۋە قايغۇلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكىمۇ قەيت قىلىندى.

باياناتتا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستاپا ئاقىنجىنىڭ رىم رەھبەر نىكوس ئاناستاسىئادىسنى مەزكۇر قارارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرغان باياناتىغا تۈركىيەنىڭمۇ قېتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر