ئامېرىكا راققە ھەرىكىتىدە سەمىمىي بولامدۇ؟

تۈركىيە سۈرىيەنىڭ راققە شەھىرىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلاش مەسىلىسىدە ئالدىراۋاتقان ئامېرىكىغا، تەييارلىغان دوكلاتى بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

669576
ئامېرىكا راققە ھەرىكىتىدە سەمىمىي بولامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە راققە توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتىنى ئامېرىكىغا يەتكۈزدى. دوكلاتتا، راققەدە دائېشقا بېرىلىدىغان زەربىنىڭ تېل ئابياد ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان ھەربىي ھەرىكەتتە مۇمكىن بولىدىغانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د نى چەتتە قالدۇرىدىغان بىخەتەر رايون شەكىللەندۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

تۈركىيە دائىرىلىرى، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ يېڭى باشلىقى مايك پومپېيونىڭ ئەنقەرە زىيارىتىدە مەزكۇر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. راققە ھەربىي ھەرىكىتى پىلانىدا، مەيلى ئارقا سەپ خىزمەتلىرى جەھەتتىن بولسۇن ياكى بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن بولسۇن «تېلئابياد-ئاينەل ئىسا-راققە» لىنيەسى ئەڭ مۇۋاپىق لىنيە قىلىپ بېكىتىلدى.

پ ي د ياكى ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان تېلئابياد لىنيەسىدىن پايدىلىنىشنىڭ، ئامېرىكا ئۈچۈن «سەمىمىيەت سىنىقى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەم مۇتەخەسسىسلەر: «ئامېرىكا دائېشنى راققەدىن تازىلاش مەسىلىسىدە سەمىمىي بولسا، مۇنداقچە ئېيتقاندا، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلغان ھالدا تۈركىيە ۋە خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىم بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى خالىسا، راققەگە تېلئابياد ئارقىلىق يۈرۈش قىلىش كېرەك. تۈركىيە بۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ بارغاندا، رۇسىيە بىلەن ئىراننى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك» دەپ كۆرسەتمەكتە.

ئەلبابتىن راققەگە سوزۇلغان يول، تابكا سۇ ئامبىرى ئارقىلىق ماڭغاندا 170 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا چوبانبەيدىن ئەلبابقا سوزۇلغان 40 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى قوشقاندا، 210 كىلومېتىرلىق مۇساپە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ مۇساپە سەۋەبىدىن توشۇش سىستېمىلىرىدىن مەسىلە چىقارماسلىق ھەمدە يول بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ. ھەربىي ھەرىكەت قىسىملىرى راققە لىنيەسى بويىچە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسىملىرى بىلەن يانمۇ يان ئىلگىرىلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ھەربىي ھەرىكەتتە خەتەرنى كۆپەيتىدىغان ئۇنسۇرلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. يول ئۈستىدە يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاھالىلەر رايونىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇمۇ ھەربىي ھەرىكەت مۇساپىسىنى ئۇزارتىدۇ.

تۈركىيە بەلگىلىگەن «تېلئابياد-ئاينەل ئىسا-راققە» لىنيەسى 90 كىلومېتىر كېلىدۇ. چېگرادىن باشلىغاندا، بۇ لىنيەنىڭ 70 كىلومېتىرلىق قىسمى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ياكى پ ي د نىڭ كونتروللۇقىدا. بۇ يەردىن كېيىن، راققەگە يېتىپ بارىدىغان مۇساپە 25-20 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ سەمىمىي ياكى ئەمەسلىكى بۇ يەردە سىنىلىدۇ، دەپ قارايدىغان مۇتەخەسسىسلەر، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىشتىكى سەمىمىيىتى بىلەن ئېھتىمالى بولغان تۇزاقلارغا چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، دىققەت بىلەن ھەرىكەت قىلىش مەسىلىسىدە مۇھىم ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بەرمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر يەنە، بۇ توغرىدا ئۇزۇنلۇقى 90 كىلومېتىر، كەڭلىكى 60 كىلومېتىر قىلىپ پىلانلانغان ۋە پۈتكۈل دۇنياغا ئېلان قىلىنغان فىرات دەرياسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان رايون پۈتۈنلەي بىخەتەر ھالغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، راققە ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كرەك دەپ تەكىتلىمەكتە.

تۈركىيە ئېلان قىلغان پىلان، فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىن جەرابلۇس، مۈنبىچ، ئەلباب، تېل رىفات ۋە ئازىز لىنيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رايوننى ياخشى بىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر، «تۈركىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەزكۇر رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى راققەدىن تېخىمۇ مۇھىم» دەپ قارايدۇ.

مەزكۇر رايون تۈركىيە ئۈچۈن نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟

تۈركىيە راققە ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ پ ك ك ياكى پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىشىغا قارشى چىققاندا، مۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا؛

«راققە تازىلانسا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تۈركىيە بىلەن بولىدىغان ھەر تۈرلۈك ئالاقىلىرى ۋە ئادەم تېپىش مەنبىئىي كېسىپ تاشلانغان بولىدۇ. پ ك ك ياكى پ ي د ۋە دائېش سەۋەبىدىن يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان مىڭلارچە ئادەم يۇرتلىرىغا قايتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر