«خەلق ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يېگانە ئورۇن پارلامېنتتۇر»

باش مىنىستىر يىلدىرىم خەلق ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يېگانە ئورۇننىڭ پارلامېنت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

663469
«خەلق ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يېگانە ئورۇن پارلامېنتتۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يىلنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى» مۇكاپاتىرىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى <مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ> دەۋاتىدۇ. خەلق ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئورۇن قايسى؟ خەلق ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يېگانە ئورۇن پارلامېنتتۇر. <ئاساسىي قانۇن مەجبۇرلاش نەتىجىسىدە ئۆزگەرتىلدى> دېيىش خەلق ئىرادىسىنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر. نۆۋەتتە تۈركىيەدە جۇمھۇر رەئىسلىك تۈزۈمى بىلەن ھۆكۈمەت تۈزۈمى بىرلا ۋاقىتتا جارى قىلدۇرۇلۇۋاتىدۇ. ئەگەر بىز ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتمىسەك قانداق بولىدۇ؟ قوش باشلىقلىق تۈزۈم ئىزچىل داۋاملىشىدۇ. بىر تەرەپتە كۈچلۈك پارلامېنت تۈزۈمى بار، يەنە بىر تەرەپتە خەلق بىۋاسىتە سايلىغان جۇمھۇر رەئىس بار. بۇنداق بولسا بولمايدۇ. ئىككى رەھبەر بىر ئورۇندۇققا سىغمايدۇ. شۇڭا رەھبەر بىر بولۇشى كېرەك. شەخسلەر كېلىپ كېتىدۇ، ئەمما مۇھىم بولغىنى دۆلەتتۇر. ئەگەر بىز مەنسەپنىڭ كويىدا بولغان بولساق، ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتمىگەن بولاتتۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر