تۈركىيە نوپۇسى 79 مىليون 814مىڭ 871گە يەتتى

تۈركىيە نوپۇسىنىڭ 79 مىليون 814مىڭ 871 ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

662322
تۈركىيە نوپۇسى 79 مىليون 814مىڭ 871گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ نوپۇسى 79 مىليون 814مىڭ 871 بولدى.

تۈركىيە سىتاتىستىكا ئىدارىسى «ئادرېسقا تايانغان نوپۇس رويخەت سىستېمىسى 2016 نەتىجىلىرى»نى ئېلان قىلدى.

سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى 78 مىليون 741 مىڭ 53 بولغان تۈركىيە نوپۇسى، بۇ يىل 1مىليون 73مىڭ 818 نوپۇس ئاشقان.

ئەرلەر نوپۇسنىڭ %50.2 (40 مىليون 43مىڭ 650كىشى)نى ئىگەللەيدىغان بولسا، ئاياللار نوپۇسنىڭ %49.8 (39 مىليون 771 مىڭ 221كىشى)نى ئىگەللەيدىكەن.  

يىللىق نوپۇس ئېشىش سۈرئىتى 2015-يىلى مىڭدە 13.4 بولغان بولسا، 2016-يىلى مىڭدە 13.5كە يەتكەن.

ۋىلايەت ۋە ناھىيە مەركەزلىرىدە ياشايدىغانلار نوپۇسنىڭ 2015-يىلى %92.1 نى ئىگەللەيدىغان بولسا ، بۇ نىسبەت 2016-يىلى %92.3 بولغان.

يېزا-قىشلاقلاردا ياشايدىغانلار نوپۇسنىڭ %7.7 نى ئىگەللەيدىكەن.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر