18 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى داۋام قىلماقتا.

661159
18 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ 159 – كۈنىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، دائېش ئەزاسى 18 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا دائېشقا تەۋە 130 نۇقتىغا ھەر خىل ئۇرۇش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بولسا باب ۋە بزاگاھ رايونلىرىدا ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 3 قورال ئىستىھكامى، 4 تەكشۈرۈش نۇقتىسى، 2 تونېل ۋە ئۇلار پاناھلىنىۋاتقان 9 بىنانى بىتچىت قىلدى. مەزكۇر زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 18 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

ئەلغۇز رايونىدىكى توقۇنۇشتا بىر تۈركىيە ئەسكىرى شېھىت بولدى.

بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىككى ھاۋا ھۇجۇمىدا بولسا، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بابتىكى 2 نىشانى يوقىتىلدى.

دائېشتىن خالىيلاشتۇرۇلغان رايونلاردا 87 دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ چۇۋۇپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر